Uyghur主要词典
كېلەڭسىز
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بوي - تۇرقى، قەددى - قامىتى كېلىشمىگەن، قاملاشمىغان.
خۇش پىچىم، خۇش قامەت
بوي - تۇرقى، قەددى - قامىتى كېلىشكەن، قاملاشقان.
خۇش پېچىم بىر قىز كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. خۇش قامەت يىگىت ئالدىغا باردى. كېلەڭسىز ئادەم كارغا يارىمايدۇ. بىپالادىن ئىش چىقمايدۇ. كالانپاي نېمە ئىكەنسەن، - دېدى ئۇ دوستىنى كۆرگەندە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بوي - تۇرقى قاملاشمىغان.
كامال كېلەڭسىز بىر كاتىپنى باشلاپ كىردى. ئۇ داردايغان نېمەڭنى بۇ يەردىن يوقات!
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆزىگە كېلىشمىگەن، باب كەلمىگەن.
ئىخچام
ئۆزىگە باب، كېلىشمەسلىك.
<قوشۇقنى خىل، مەمۇرىيەتنى ئىخچام قىلىش> ئوتتۇرىغا قويۇلغىلى كۆپ ۋاقىت بولدى، لېكىن ھازىرمۇ ئىدارىلەردە ئادەم ئىشتىن كۆپ، مەمۇرىيەت كېلەڭسىز، چۇۋالچاق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قەددى - قامىتى، تۇرقى كېلىشمىگەن، قوپال.
مەخسۇت بەگ كېلەڭسىز بەستىنى تەستە كۆتۈرۈپ، سەكرەپ ئورنىدىن تۇردى.
ئىخچام، يىغىنچاق ئەمەس.
كېلەڭسىز ئاپپارات.
ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا ئەگمە ساپلىق كېلەڭسىز بىر سېۋەت بار ئىدى.