Uyghur主要词典
كېلىش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
گرامماتىكا ئاتالغۇسى، كېلىش كاتېگورىيىسى.
باش كېلىش، ئىگىلىك كېلىش، يۆنىلىش كېلىش، چۈشۈم كېلىش، چىقىش كېلىش، ئورۇن كېلىش.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
كېلىشمەك، كېلىشىش. 1 . ئەپلەشمەك، توختاملاشماق.
ئۇلار ھازىر كېلىشىپ قالدى. * باھاسىغا كېلىشتۇق. * ئورما ئۈستىدە جاڭجال قىلىشقۇچە، يەر ھەيدەشكە كېلىش (ماقال).
2 . «ياراشماقⅡ » گە قاراڭ. خوپ كەلمەك، ئوبدان كەلمەك. كېلىشكەن ، كېلىشىملىك. * بۇ كىيىم ساڭا كېلىشپتۇ. * كېڭەشلىك ئىش _ كېلىشمىلىك ئىش (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
«كەل» نىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى .
ئۇلار سائەت بەشتە كېلىشتى. * سېغىنغان بىلەن كېلىش يوق. سارغايغان بىلەن ئۆلۈش يوق (ماقال) .
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تىلشۇناسلىق
بەزى تىللاردىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرلىك سۆزلەردە بولىدىغان بىر خىل گراماتىكىلىق كاتېگورىيە، ئادەتتە سۆزلەرگە ئۇلىنىش ئارقىلىق شۇ سۆزنىڭ باشقا سۆزلەر بىەن بولغان گرامماتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئەنئەنىۋى گرامماتىكىمىز بويىچە، بىزنىڭ تىلىمىزدا باش كېلىش، ئىگىلىك كېلىش، چۈشۈم كېلىش، يۆنىلىش كېلىش، ئورۇن - پەيت كېلىش ۋە چىقىش كېلىشتىن ئىبارەت ئالتە كېلىش بار.