Uyghur主要词典
كېلىشمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇرۇش - تالاشنى تۈگىتىپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلىماق، خوپ بولۇپ قېلىشماق.
يارىشىش شەرتى بولسا، يارىشىشنى رەت قىلىش ئاقىلنىڭ ئىشى ئەمەس. ئۇلار ئەمدى ئەپلىشىپ قاپتۇ. ئەقىلسىزلەر دەۋالىشىدۇ، ئەقىللىقلەر كېلىشىدۇ. چېكىشمىگۈچە بېكىشمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<كەلمەك> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئېرىق بويىچە ئولتۇرغان كىشىلەر كېلىشتى.
بىرلىككە كەلمەك، پۈتۈشمەك.
ئۇلار باھادا ئوڭايلا كېلىشىپ قالدى.
ماس كەلمەك، قاملاشماق.
مەن بۈگۈن جاڭگالغا كېتىۋېتىپ بىر قوشاق توقۇپ باقسام خېلى كېلىشىپ قالدى.
چىقىشماق.
بۇ ئىككىسى خېلى كېلىشىپ قالدى.