领域: بوتانىكاكازۇئارىن دەرىخى ئائىلىسىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. كىچىك شاخلىرى كۈل رەڭ يېشىل، كۆپ بوغۇملۇق بولىدۇ. گۈلى تاق جىنسلىق، ئاتىلىق - ئانىلىقى بىر تۈپتە، مېۋە رېتى شار شەكلىدە بولىدۇ. قاتتىق مېۋىسى كىچىك، قاناتلىق. ياغىچى قاتتىق، ئۇزۇن چىدايدۇ، شىپال قىلىشقا بولىدۇ. قوۋزىقىدىن كاشتان يېلىمى ئېلىنىدۇ ياكى بېلىق تورلىرىنى بوياشقا ئىشلىتىلىدۇ.