Uyghur主要词典
كارېلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
领域: دۇنيادىكى شەھەرلەرسوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، غەربىي تەرىپى فىنلاندىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي شىمال تەرىپى ئاق دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. مەيدانى 17 مىڭ 240 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 778 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ كۆپىنى رۇس ھەم كارېلى مىللەتلىرى تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى پېتروزاۋۇدىسكى. كارېلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي پەس ھەم تەكشى، غەربىي ئېدىرلىق تاغلىقلاردىن ئىبارەت. شىمالىي ئورمان تايگا بەلبېغىغا، جەنۇبىي ئورمان ئوتلاق بەلبېغىغا كىرىدۇ. ئورمانلىقلار پۈتۈن يېرىنىڭ % 50نى تەشكىل قىلىدۇ، سازلىقلار %18 نى تەشكىل قىلىدۇ. قىراۋسىز مەزگىلى جەنۇبتا 120 كۈن، شىمالدا ئاران 90 كۈنگە يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 400-600 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، بۇ جايلاردا قەدىمدە فىنلاندىيىنلىكلەر ئولتۇراقلاشقان، 12 - ئەسىردىن 15 - ئەسىرگىچە نوۋوگورد كىنەزلىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 17 - ئەسىرنىڭ بېشىدا شۋېتسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1809 - يىلى چارروسىيە - شۋېتسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن چارروسىيە تەركىبىگە قوشۇلغان. 1923 - يىلى 7 - ئايدا رۇس فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئورمان كېسىش سانائىتى بىلەن ياغاچ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاسس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، كان سانائىتى (چىرىمتال، تۆمۈر رۇدىسى قاتارلىقلار) ۋە بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، تېرىلغۇ يەرلىرى پۈتۈن جۇمھۇرىيەت يېرىنىڭ ئاران % 1نى تەشكىل قىلىدۇ، مۇھىم شەھەرلىرى كاندو پوگا، بېلورسكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。