Uyghur主要词典
كازۇئايا ئاكىراې توپلىمى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە خېيئان دەۋرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى شېئىرلار توپلىمى. فوزىۋاراكىنتو (966 - 1041) تۈزگەن. ئاساسەن ئوئې كورېتوكىنىڭ <مىڭ مىسرالىق ئېسىل شېئىر>دىن ماتېرىيال ئېلىنغان. كازۇئايا شېئىرلىرىدىن 500 مىسرا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە شىراكۇتاكاشىنىڭ شېئىرلىرىدىن 40 نەچچە مىسرا بار؛ يەنە 216 كۇپلىت نەزىم كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئوسامونوكى ئىتارونىڭ 20 نەچچە كۇپلېت نەزمىسى بار. توپلامنىڭ ئالدىنقى تومىدا تۆت پەسىل تېما قىلىنغان، كېيىنكى تومىدا كازۇئايا تېما قىلىنغان. بۇ كىتاب دىكلاماتسىيە ۋە شېئىر يېزىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى دەرسلىك بولۇپ، كەڭ تارقالغان. بەزى خەتتاتلارنىڭ قول يازمىسى ھازىرغىچە ھۆسىن خەت ئۈلگىسى قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە.