Uyghur主要词典
كازىمېرز
دۇنيا تارىخى
(1016 - 1058) پولشا كورۇلى (1034 - 1058). مېشكو Ⅱ نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرغان چېغىدا پولشا ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان كۆپلىگەن فېئودال سۇيۇرغاللارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. تەخمىنەن 1034 - يىلى بىر فېئوداللار گۇرۇھى تەرىپىدىن مەملىكەتتىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. تەخمىنەن 1039 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى پادىشاھى ھېنرى Ⅲ نىڭ ياردىمىدە مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ قايتىدىن تەختكە ئولتۇرغان. 1047 - يىلى مازوۋىيە (ۋىسۋا دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىنى رايونى)نى قايتىدىن پولشا زېمىنىگە قوشۇۋالغان. 1054 - يىلى چىخلار ئىگىلىۋالغان سىلېزىيىنى قايتۇرۋالغان. شۇنىڭ بىلەن پولشانى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن.
دۇنيا تارىخى
(1013 - 1370) پولشا پىياست خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (1333 - 1370). تەختتىكى مەزگىلدە، 1347 - يىلى چوڭ ۋە كىچىكى پولشاغا باب كېلىدىغان ئىككى نىزام جاكارلىغان؛ مەملىكەت ئىچىدىكى سودا - سانائەتنى قوغداپ، پۇل ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان؛ شەھەرلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن؛ مۇستەقىل ئالىي سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پولشا شەھەرلىرىنىڭ گېرمانىيە شەھەرلىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرىگە شىكايەتنامە سۇنۇشىنى چەكلىگەن؛ كراكوۋ ئۇنىۋېرسىتىتىنى قۇرغان (6413). 1343 - يىلى تېيوتون رىتسارلار پولكى بىلەن يارىشىپ، كۇياۋى (پولشانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا)نى قايتۇرۋالغان؛ 1340 - 1352 - يىللىرى روسىيىگە ئەسكەر تارتىپ بېرىپ گالىتسىيە كىنەزلىكىنى ۋە ۋولىننىڭ بىر قىسمىنى بېسىۋالغان.
دۇنيا تارىخى
(1427 - 1492)، پولشا كورۇلى (1447 - 1492). ياگېللونىڭ 2 - ئوغلى. 1440 - يىلى لىتۋا كىنەزى بولغان. 1444 - يىلى ئاكىسى پولشا كۇرۇلى ۋلادىسلاۋ Ⅲ ۋارنا جېڭىدە ئۆلگەندىن كېيىن پولشا كورۇلىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. تەختتە ئولتۇرۋاتقان مەزگىلدە، 1454 - يىلى تيوتون رىتسارلار پولكى بىلەن يەنە بىر قېىتم تىركىشىپ قېلىپ، پولشا غەلىبە قىلغان. 1466 - يىلى تورۇن (پولشانىڭ شىمالىي قىسمىدا) شەھىرىدە تۈزۈلگەن سۈلھ شەرتنامىسىگە بىنائەن غەربىي پروسسىيە پولشاغا بۆلۈپ بېرىلگەن. شەرقىي پرۇسسىينى يەنىلا تيوتون رىتسارلار پولكى ئىگىلىگەن، لېكىن پولشانىڭ بۇ رايونغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. 1454 - يىلى پولشا ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تەھدىتى بىلەن <نېشاۋا نىزامى>نى ئېلان قىلغان.