Uyghur主要词典
كاتتانېئو
دۇنيا تارىخى
(1801 - 1869) ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى بۇرژۇئا دېموكراتلىرىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ئالىم. 19 - ئەسىرنىڭ 30، 40 - يىللىرىدا مىلاندا <دۇنيا يىللىق مەجمۇئەسى>نى تەھرىرلەشكە قاتناشقان. كيېىن، <ئۇنىۋېرسال تېخنىكا پەنلىرى> ژورنىلىنى نەشىر قىلىپ، ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىگە دائىر ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 1848 - يىلى 3 - ئايدا مىلان قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەندە، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ھەربىي ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان. ئىنقىلاب مەغللۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ، 1848 - 1849 - يىللاردىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىتالىيە دېموكراتلىرى ئۈچۈن ئەركىن ۋە مۇستەقىل ئىتالىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسىي پروگراممىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۆمۈر بويى پەلسەپە، ئىقتىساد، تارىخ، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ پەن - تېخنىكىنى كېڭەيتى - ئىگىلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم شەرتى، دەپ تونۇغان. ئۇ ئىتالىيە بويىچە ھىندىستان، جۇڭگو ۋە ئامېرىكا قىتئەسى خەلقلىرى تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى تارىخشۇناس. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: <1848 - يىلدىكى مىلان قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇرۇش> ۋە <پىئۇس Ⅸ نىڭ تەختكە ئولتۇرۇشىدىن تاكى ۋېنىتسىيىنى تاشلىۋەتكىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىتالىيە مەسىلىلىرىگە دائىر ئۈچ يىللىق ئارخىپ>.