Uyghur主要词典
كاتسونېس
دۇنيا تارىخى
(1752 - 1805) گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىسى. گرېتسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى لىۋاندىيىدە تۇغۇلغان. 1770 - 1805 - يىللىرى گرېتسىيەنىڭ پىدائىي قىسىملىرىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى بىلەن ئىگېي دېڭىزىدىكى ئاراللاردا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقاندىن كېيىن روسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ، گرېتسىيە پىيادىلەر پولكىنىڭ كوماندىرى بولغان، 1788 - يىلدىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى ۋاقتىدا، ئوترىيېستېدە قۇرۇلغان گرېتسىيە فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى يېڭىپ، گرېتسىيىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئىلھام بەرگەن. كېيىن جەنۇبىي پېلوپوننېستا دېڭىز فلوتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، فرانسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تۈركىيە فلوتىغا زەربە بەرگەن، لېكىن كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا زور پەرق بولغانلىقتىن يېڭىلىپ، ۋېنېتسىيىدىكى زېمىنىگە قېچىپ كەتكەن. كېيىن روسىيىگە يېنىپ كېلىپ بالاكلاۋادىكى يۇنان قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلغان.