Uyghur主要词典
كاتاماياتېتسۇ
دۇنيا تارىخى
(1887 - 1978) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1947 - 1948). خرىستىئان مۇخلىسى. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتكۈزگەن. ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئابى ئىسوئونىڭ (1865 - 1949) خرىستىئان سوتسىيالىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ياپونىيىە باش ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قانۇن بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ياپونىيە دېھقانلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولغان. 1926 - يىلى سوتسىيال ئاۋام پارتىيىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1930 - يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1932 - يىلى سوتسىيال ئاۋام پارتىيىسنى قۇرۇشقا قاتنىشى، مەركىزىي ئىجرائىيە ئەزاسى، ئەمگەكچىلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1940 - يىلى ئارمىيىگە قارشى نوتۇق سۆزلىگەن. خەلق ئىشلىرى پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى سەيتونى جازالاشقا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن سوتسىيال ئاۋام پارتىيىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945 - يىلى ياپونىيە سوتسىيال پارتىيىسى قۇرۇلغان چاغدا سېكرىتارلار مۇدىرى بولغان. كېيىن باش مۇدىرلىققا سايلانغان. 1947 - يىلى 5 - ئايدا، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئىچكى كابېنتىنى تەشكىللەپ، ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا پارتىيە ئىچىدىكى سولچىلارنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن. 1955 - يىلدىن باشلاپ سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى بولغان. 1956 - يىلى جۇڭگو - ياپونىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى مۇدىرى بولۇپ سايلانغان. 1960 - يىلدىن باشلاپ خەلق سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى بولغان. <دېموكراتىك سىياسىي ھەققىدە ئەسلىمە ۋە نەزەر>، <ئابى ئىسونىڭ تەرجىمىھالى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.