Uyghur主要词典
كاتالۇنا دېھقانلار قوزغىلىڭى
领域: دۇنيا تارىخىئاراگون پادىشاھلىقىنىڭ كاتالۇنا (كاتالۇنىيە دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) رايونىداپارتلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭى. جەمئىي ئىككى قېتىم بولغان. (1) 1462 - 1472 - يىللىرىدىكى قوزغىلاڭ. رەھبىرى كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ۋېرنتاللات. قوزغىلاڭچى دېھقانلار شەھەر قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمى ۋە قالاق ئادەتلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان، قوزغىلاڭ كاتالۇنانىڭ كەڭ رايونلىرىنى قاپلىغان. كېيىن كورۇل جۇئان Ⅱ ۋېرنتاللاتنى سېتىۋالغانلىقتىن، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. (2) 1484 - 1486 - يىللىرىدىكى قوزغىلاڭ. رەھبىرى سالا. قوزغىلاڭ بىر مەزگىل خېلى راۋاج تاپقان بولسىمۇ، لېكىن 1485 - يىلدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، سالا ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ قالدۇقى كۈرەشنى 1486 - يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان. شۇ يىلى 4 - ئايدا كورۇل فېرناندو Ⅱ كاتالۇنا رايونىدىكى يانچىلار مەلۇم ساندا پۇل تۆلەش شەرتى ئاستىدا، قالاق ئادەتلەرنى بىكار قىلىشقا ۋە بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن بىر پەرماننى جاكارلاشقا مەجبور بولغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。