Uyghur主要词典
كاتارگىئۇ
دۇنيا تارىخى
(1823 - 1899) رومىنىيە ھۆكۈمەت باشلىقى (1866، 1871 - 1876، 1889، 1891 - 1895). كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى. 1864 - يىلى رومىنىيىدە يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتىغا قارشى چىققان. 1866 - يىلى كىنەز كۇزانى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، نىكولاي گولېسكۇ (1810 - 1878) ۋە پولكوۋنىڭ ن.خارالامبېي (1835 - 1908)لار بىلەن ئۈچ كىشىلىك مۇۋەققەت ھۆكۈمەت قۇرغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا چاغدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا قارشى چىققان تەدبىر قوللانغان. 1875 - يىلى چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن سوا كېلىشىمى تۈزۈپ، ئاۋسترىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى رومىنىيىگە ئېلىپ كىرىشتە ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئېلىپ تاشلىغان ياكى ئازايتقان. 1877 - 1878 - يىللىرىدىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە رومىنىيىنىڭ روسىيە تەرەپتە تۇرۇپ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا قارشى تۇرغان.