Uyghur主要词典
كاپې مۇستەملىكىسى
دۇنيا تارىخى
ئۈمىد تۇمشۇقى مۇستەملىكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا (ئازانىيىدە) ئەڭ بۇرۇن قۇرغان مۇستەملىكىسى، 1652 - يىلى گوللاندىيە شەرقىي ھىندى شىركىتى رىېبېكنى ئەۋەتىپ ھازىرقى كاپېدا مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. كېيىن بۇ شىركەت قورال كۈچى ۋە ئالداش چارىلىرى ئارقىلىق كوسالارنىڭ قولىدىن تابىل، سالدانىيە، خاۋتىر، فولىس قولتۇقلىرىنى تارتىۋېلىپ ۋە <سېتىۋېلىپ> مۇستەملىكە زېمىنىنى ئىچكى جايلارغا ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانسىيە، ئەنگلىيىلەر ئىشغال قىلىۋالغان. 1814 - يىلى ئەنگلىيەگە رەسمىي بۆلۈپ بېرىلىپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق ئۈمىد تۇمشۇقى مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. ئەنگلىيە بىر مەھەل ناتالنى قوشۇۋالغان. 1910 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقا بىرلەشمىسىگە قوشۇۋېلىپ، بىر ئۆلكىگە ئايلانغان.