Uyghur主要词典
كالىش شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
پروسسىيە بىلەن روسىيەنىڭ ناپولېئونغا قارشى تۈزگەن ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى. سېتيىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە پرۇسسىيە كورۇلى فرېدرىخ ۋېلھېلم Ⅲ بىلەن روسىيە چار پادىشاھى ئالېكساندر Ⅰ 1813 - يىل 2 ـ ئاينىڭ 28 - كۈنى پولشانىڭ كالىش شەھىرىدە ئىمزالىغان. شەرتنامىدە پرۇسسىيە ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشقا 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇن چىقىرىدۇ. روسىيە پرۇسسىيەنىڭ 1806 - يىلدىكى چېگرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرتى بىلەن 150 مىڭ ئەسكەر چىقىرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامىدە فرانسىيىگە قارشى 6 - قېتىملىق ئىتتىپاققا ئاساس سالغان.