Uyghur主要词典
كالۋالاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
دۆتلەشمەك، ئەقىلسىزلەشمەك، كالۋا بولماق.
ئۇ بارغانسېرى كالۋالىشىپ كېتىۋاتىدۇ.
تىلى گەپكە كەلمەي قالماق، دۇدۇقلىماق.
- كىم... كىمسەن؟ - دەپ توۋلاپتۇ باي تىلى كالۋالىشىپ.
ئالمىشىپ، تەمتىرەپ، راۋۇرۇس ماڭالماي قالماق (پۇت ھەققىدە).
نازىمنىڭ پۇتلىرى كالۋالىشىپ بىر قەدەممۇ ماڭالمىدى.