Uyghur主要词典
كالىداسا
دۇنيا تارىخى
(ھىندىستاننىڭ گۇپتا سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر ۋە دراماتۇرگ. ئادەتتە ئۇنىڭ پائالىيىتى گۇپتا سۇلالىسىنىڭ تازا گۈللەنگەن مەزگىلىدە، يەنى چاندرا گۇپتا Ⅱ زامانىسىدا بولغان دەپ قارىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ چاندرا گۇپتا Ⅱ ئوردىسىدىكى <توققۇز ئەتىۋارلىق> نىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە تارىلىپ يۈرگەن يەتتە پارچە ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچ پارچىسى دراما، تۆت پارچىسى شېئىرلار توپلىمىدىن ئىبارەت. ئۈچ پارچە درامىسى <ساكۇنتالا>، <يولى پوس> ۋە <مورۋىكا بىەن فويۇشاھ>، تۆت پارچە شېئىرلار توپلىمى <بۇلۇت ئەلچىسى>، <كوموراجىنىڭ دۇنياغا كېلىشى>، <روگۇ شەجەرىسى> ۋە <پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، بۇلار قەدىمكى ھىندىستاننىڭ سانسكرىت ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ.