Uyghur主要词典
كالىنىن
دۇنيا تارىخى
(1875 - 1946) سابىق سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. تۋېر ئۆلكىسى (ھازىرقى كالىنىن ئۆلكىسى)دە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1893 - يىلى پېتېربۇرگقا بېرىپ توكار بولۇپ، ئىنقىلابىي پائالىيىتىنى باشلىغان. 1896 - يىلى پېتېربۇرگ ئىشچىلار سىنىپى ئازادلىق كۈرىشى جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1898 - يىلى روسىيە سوتسىيال - دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1905 - يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە پېتېربۇرگ پوتىلوۋ زاۋۇتى ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. كېيىن موسكۋادا پارتىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1912 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا ۋە مەركىزىي رۇس بيۇرۇسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە <ھەقىقەت گېزىتى> نى نەشىر قىلىشقا قاتناشقان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان 1917 - فېۋرال ۋە ئۆكتەبر ئىنقىلابلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان. 1919 - يىلى مەركىزىي كومېتىت سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1919 - 1922)، سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1922 - 1938)، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋىتى پرېزدىئومىنىڭ رەئىسى (1938 - 1946) بولغان. <كوممۇنىستىك تەربىيە توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.