Uyghur主要词典
كاللەكبەسەي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوتياشنىڭ بىر خىلى. يوپۇرماقلىرى چوڭ، سىلىق بولىدۇ، قات - قات بولۇپ، دۈگىلەك شەكلىگە كىرىدۇ.
كەرەننىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى كۆپ. 100 گرام كەرەندىن 24 كالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، ئاق چېچەككە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى چوڭ، سىلىق، سېپى ئىنتايىن قىسقا، نۇرغۇنلىغان يوپۇرماقلىرى قاتمۇقات دەستىلىنىپ كاللەك ھاسىل قىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، پارچىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا
ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خىلىتلارنى پىشۇرۇش، يۇمشىتىش، قۇرۇتۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل كاللەكبەسەينى توخۇ گۆشى بىلەن پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
كاللەكبەسەي ئۇرۇقىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېسىق گازلارنىڭ مېڭىگە ئۆرلىشىنى توسۇپ، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ؛ كۆز
قاراڭغۇلىشىشنى يوقىتىپ، مەستلىكنى يېشىدۇ.
كاللەكبەسەينى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈش، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل، سېرىقئەت ۋە ئىچكى ئەزالاردىكى ئىششىقلارغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى كاللەكبەسەينى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كاللەك + بەسەي
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى چوڭ، سىلىق، سېپى ئىنتايىن قىسقا، نۇرغۇنلىغان يوپۇرماقلار قاتمۇقات دەستىلىنىپ كاللەك ھاسىل قىلىدۇ. گۈلى سېرىق، ئادەتتىكى كۆكتاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.