Uyghur主要词典
كاللەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. يىغىلىپ، ئۇيۇشۇپ، توپلىشىپ يۇمىلاق ياكى قېتىشما ھالەتكە كەلگەن نەرسە. توپ.
قەغەز كاللەكلىرى.
يول ياقىسىدا قىغ كاللەكلىرى تۇراتتى.
سۈپ. يىغىلغان، توپلانغان، ئۇيۇل قىلىنغان.
- ئۇلۇغ شاھى ئالەم، دادامدىن قالغان كېپەك ئالتۇنغا كاللەك ئالتۇن تېگىشىپ بېرەمدىكىن، - دەپ ئېگىلىپ سالام بېرىپتۇ يىگىت.
مىق. ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ.
بىر كاللەك يىپ. بىر كاللەك پۇل.