Uyghur主要词典
كالكىنىس
دۇنيا تارىخى
(1863 - 1930) ئامېرىكىلىق ئىدېئالىستىك پەيلاسوپ، پېرسونالىست. كونېستىكۇس شتاتىدا تۇغۇلغان. 1885 - يىلى شېمىس شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. ئىككىنچى يىلى گېرمانىيىگە كېلىپ لېيپسىگ داشۆسىدە ئوقۇغان. 1888 - يىلى باكالاۋرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1890 - 1930 - يىللىرى ۋېلىس شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە پەلسەپە فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى بولغان. رويېسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئوبېكتىپ ئىدېئالىزمنى تەشەببۇس قىلغان، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە <كىشىلىك قەدىر - قىممەت ھەممىدىن ئەلا پىسخولوگىيىسى>نىڭ ھىمايىچىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇ <كىشىلىك قەدىر - قىممەت>نى ئالەمدىكى بىردىنبىر چىنلىق دەپ قاراپ، ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىغان، شۇنىڭدە <كىشىلىك قەدىر - قىممەت> چەكلىك ئۆز شۇنداقلا چەكسىز ئۆز ياكى <مۇتلەق ئاڭ> دەپ ئاتىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <پەلسەپىدىكى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مەسىلە> قاتارلىقلار بار.