Uyghur主要词典
جۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىشنىڭ قاتتىق سوغۇق بولىدىغان كۈنلىرى، جۇ ھەر بىرى 9 كۈندىن 81 كۈن بولىدۇ.
12 _ ئاينىڭ 22 _، 23 _ كۈنلىرى باشلىنىدۇ.
بۈگۈن ئۈچ جۇغا ئۈچ. 三九三 چىللە كىردى _ قىش كەلدى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
جۇ - ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى پۇل بىرلىكى بولۇپ، ئەسلى مەنىسى <قىممەت باھالىق تاشلار، ئۈنچە - مارجان، زۇمرەت، سەدەپ> قاتارلىقلارنى كۆرسىتەتتى. كېيىن قۇلۇلە قېپى پۇل قىلىپ ئىشلىتىلگەندە قۇلۇلە قېپىنى قىممەتلىك تاشلارغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى بويىچە 10 قۇلۇلە قېپى بىر تىزىق قىلىنىپ بىر <بىڭ>، 10 <بىڭ> بىر <جۇ>غا ئالماشتۇرۇلغان. ئۆلچەملىك سەر بىرلىك قىلىنغان مېتال پۇل بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، بۇ نام سەردىن كىچىك پۇل بىرلىكى قىلىنغان ۋە 24 جۇ بىر سەرگە ئالماشتۇرۇلغان. يېرىم سەر 12 جۇغا تەڭ بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان (ئەركىن روزى: <قەدىمكى شىنجاڭنىڭ پۇل بىرلىكلىرى>، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، 1993 - يىللىق 2 - سان).
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
جۇ - ئەرەب تىلىدا <چىللە> دەپ ئاتىلىدۇ ۋە <يازغى چىللە> <قىشلىق چىللە> دەپ ئايرىلىدۇ. خەنزۇلاردىكى <جۇ> قىشلىق چىللىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ ئىككى خىل ئاتىلىشى تەڭ قوللىنىلىدۇ. بىر جۇ توققۇز كۈن بولۇپ، دېھقانلار كالىندارى ھېسابىدا قىشلىق كۈن - تۈن تەڭلەشكەن كۈن (22 - دېكابىر) دىن باشلاپ ئەتىيازلىق كۈن تۈن تەڭلەشكەن كۈن (21 - مارت) گىچە بولغان 81 كۈن توققۇز جۇغا بۆلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
ئاسترونومىيە
دېھقانلار كالېندارى ھېسابىدا قىشلىق كۈن - تۈن توختىشىدىن باشلانغان ھەر بىر توققۇز كۈن. بۇ ئادەتتە بىرىنچى توققۇزىنچى جۇغىچە داۋاملىشىدۇ.