Uyghur主要词典
جۆندىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆچمە مەنە: ئەدەبلىمەك ۋە ھەتتا ئۆلتۈرمەك.
كۈچۈڭ يەتسە، دۈشمىنىڭنى توغرىلا. سېنى ئۇچۇرغىنى _ جۆندىگىنى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولاي - ئوبدان ھالەتكە كەلتۈرمەك، توغرىلىماق.
بېرەرمەننىڭ بېشىنى ئالارمەن ئوڭلاپتۇ. يېرىڭنىڭ قار بىلەن توڭلىغىنى - ئىشىڭنى خۇدانىڭ ئوڭلىغىنى. تۆھمەت يارىسى تۈزىلەر، يامان ئاتاق تۈزەلمەس. مۈكچەيگەننىڭ بېلىنى كەتمەن تۈزەيدۇ. قىڭغىرنى تۈزە، ياماننى جۆندە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئوڭشىماق، تۈزىمەك، بىرەر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك ھەل قىلماق.
ھارۋىنى جۆندىمەك.
كۆچمە. ئەدىپىنى، جازاسىنى بەرمەك؛ جايلىماق، بابلىماق.
- سەن ئۇ بەش تال ئوق بىلەن تەييار بۇ ئۆلەرمەنلەرنى جۆندەپلا، باتۇر بولماقچىمۇ، - دېدى تۆمۈر پولاتقا.
كۆچمە. باشقىلارنى ئالدىماق، گوللىماق، بابلىماق.
- سەن ئۆتكەن قېتىممۇ مېنى جۆندىگەنىدىڭ، بۇ قېتىم يەنە ... - دېدى سودىگەر غەزەپلىنىپ.