Uyghur主要词典
جۆيلۈمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چۈش كۆرۈپ چۈشىدە سۆزلىمەك؛ كۆچمە مەنىدە ئاساسسىز، قۇرۇق گەپلەرنى قىلماق.
ئۇ تۈنۈگۈنكى يىغىندا جىق جۆيلىدى، ھېچكىم قۇلاق سالمىدى. جۆيلۈسەڭ، جېنىڭ چىقسۇن. چۈشەكىگەننىڭ گېپى لاۋزا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇخلاپ يېتىپ قالايمىقان سۆزلىمەك.
ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىپ، قالايمىقان جۆيلۈيدىغان بولۇپ قالدى.
كۆچمە. يالغان - ياۋىداق، پاكىتسىز گەپ قىلماق، ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلىمەك.
- نېمىدەپ جۆيلۈۋاتىسەن، - دېدى كامىل مۇئەللىم ئالدىدىكى ئادەمگە، - بۇ گەپلىرىڭ بىلەن سەن قانۇن ئالدىدا جاۋاب بېرىپ قالمىغىن يەنە