—参考资料
جۇ
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
جۇ - ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى پۇل بىرلىكى بولۇپ، ئەسلى مەنىسى <قىممەت باھالىق تاشلار، ئۈنچە - مارجان، زۇمرەت، سەدەپ> قاتارلىقلارنى كۆرسىتەتتى. كېيىن قۇلۇلە قېپى پۇل قىلىپ ئىشلىتىلگەندە قۇلۇلە قېپىنى قىممەتلىك تاشلارغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى بويىچە 10 قۇلۇلە قېپى بىر تىزىق قىلىنىپ بىر <بىڭ>، 10 <بىڭ> بىر <جۇ>غا ئالماشتۇرۇلغان. ئۆلچەملىك سەر بىرلىك قىلىنغان مېتال پۇل بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، بۇ نام سەردىن كىچىك پۇل بىرلىكى قىلىنغان ۋە 24 جۇ بىر سەرگە ئالماشتۇرۇلغان. يېرىم سەر 12 جۇغا تەڭ بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان (ئەركىن روزى: <قەدىمكى شىنجاڭنىڭ پۇل بىرلىكلىرى>، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، 1993 - يىللىق 2 - سان).
例句
قەدىمكى زاماندا ھازىرقىدەك پۇل بولماي، قۇلۇلە قېپىنى «جۇ» دەپ ھېسابلايتتى.
翻译: In ancient times, there was no money like today, and cowrie shells were counted as 'jū'.
ancient currency unit
参考资料
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
جۇ - ئەرەب تىلىدا <چىللە> دەپ ئاتىلىدۇ ۋە <يازغى چىللە> <قىشلىق چىللە> دەپ ئايرىلىدۇ. خەنزۇلاردىكى <جۇ> قىشلىق چىللىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ ئىككى خىل ئاتىلىشى تەڭ قوللىنىلىدۇ. بىر جۇ توققۇز كۈن بولۇپ، دېھقانلار كالىندارى ھېسابىدا قىشلىق كۈن - تۈن تەڭلەشكەن كۈن (22 - دېكابىر) دىن باشلاپ ئەتىيازلىق كۈن تۈن تەڭلەشكەن كۈن (21 - مارت) گىچە بولغان 81 كۈن توققۇز جۇغا بۆلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。