Uyghur主要词典
يۇتماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يۇتماق، ئىچمەك؛ غەم يېمەك؛ ئازابلانماق:
يوشۇرماق، ئېگىلمەك، يوق قىلماق، ئۆلتۈرمەك.
1. بۇ قىزنى قىلالى ئاتاسىغە ۋەسل،
كى خۇنابە يۇتقان ئاناسىغە ۋەسل.
ئا. نىزارى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تاماق ۋە ئىچىملىكلەرنى ئېغىز ئارقىلىق گالدىن ئۆتكۈزمەك، يېمەك، ئىچمەك.
سۇ يۇتماق. نان يۇتماق.
ئىچىگە تارتماق، سۈمۈرمەك.
ئىسنى يۇتماق. ھاۋا يۇتماق.
كۆچمە. تۇتۇۋالماق، باسماق (ئاچچىق، غەزەپ قاتارلىقلارنى).
غەزىپىنى يۇتماق. دەردىنى يۇتماق.
غەرق قىلماق، ئۆلتۈرمەك، يوقاتماق.
كۆز يۇمۇپ ئېچىش ئارىلىقىدا ئۇلۇغ سۇ بىچارە توختىنى يۇتتى - دە، يۈزلىگەن تاغ ۋە چىملار، باغلام - باغلام يارغا تاشلاندى!