Uyghur主要词典
يۇتېئوبانگو ئۆزگىرىشى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ پىڭئەن دەۋرىدە فۇجى يوشى بىلەن باشقا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھاكىمىيەت تالىشىش ۋەقەسى. مىلادى 833 - يىلى تېننو ۋاتاۋ خانلىق ئورنىنى تېننو كاسىرانىڭ ئوغلىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ئۇ تېننو زاتمېي دەپ ئاتالغان. تېننو زانمېي تېننو ۋاتاۋنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، شاھزادە يېچونى ۋەلىئەھدلىككە تەيىنلىگەن. 840 - يىلى ۋاتاۋ ئۆلگەن. 842 - يىلى (يۇتېئو بانگونىڭ 9 - يىلى) 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كاسىرامۇ ئۆلۈپ كەتكەن، ئىككى كۈندىن كېيىن بەزىلەر بانجۇ كېنوغا ۋەلىئەھدنىڭ شەرقتىكى جايلارغا كەتكەنلىكىنى مەخپىي ھالدا دوكلات قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ۋەلىئەھد بىكار قىلىنغان. بانجۇ ۋە كېنو قاتارلىقلار سۈرگۈن قىلىنغان. تېننو زانمېي فۇجىيوزىمىنىڭ پۇشتى، شاھزادە مېرادويانى ۋەلىئەھدلىككە تەيىنلەنگەن. 848 - يىلى يوزىمىكورا ئوڭ قول ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىنىپ ۋە نائىب دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن نائىبلىق ۋە گۇەنبەيلىك ئورنى فۇجىيو جەمەتى تەرىپىدىن مونوپول قىلىۋېلىنغان.