Uyghur主要词典
يۇدا
دۇنيا تارىخى
ئادەتتە <كارىئولىق يۇدا> يەنى ئەيساغا خائىنلىق قىلغۇچى يۇدانى كۆرسىتىدۇ. <ئىنجىل. گوسپېل> دا يۇدا قىددىس ئەيسانىڭ ئون ئىككى مۇخلىسىنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان. كېيىن ئۇ 30 تەڭگىنى دەپ، ئەيسانى يەھۇدىي دائىرىلىرىگە ساتقان ھەمدە ئەيسانى تۇتماقچى بولغانلارغا يول باشلاپ بېرىپ، ئەيسانىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيگەن (بۇ ئالدىن بەرگەن مەخپىي بەلگە ئىدى). ئەيسا شۇنىڭ بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. كېيىن يۇدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن <يۇدا> ئاتالغۇسىنى كىشىلەر دائىم خائىن دېگەن مەنىدە قوللىنىدىغان بولغان.