Uyghur主要词典
يوپۇرماقسىمان تەنە
بىئولوگىيە
<ئىپتىدائىي ئۆسۈملۈك تەنچىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۈسۈن، زەمبۇرۇغ، لىشاينىك ۋە مۇخ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈملۈك تېنى (ۋېگېتاتىۋلىق تېنى بىلەن كۆپىيىش تەنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، پاپوروتنىكلارنىڭ ئىپتىدائىي يوپۇرماق تەنىچىسى (گامېتوفىتى) قاتارلىقلار ھەقىقىي يىلتىز، غول ۋە يوپۇرماق بولمىغان يوپۇرماقسىمان تەنىلەردۇر.