Uyghur主要词典
يوپۇرماق يۈزى كوئېففىتسېنتى
领域: بىئولوگىيەيوپۇرماق يۈزى كۆرسەتكۈچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ ئومۇمىي يېشىل يوپۇرماق يۈزى بىلەن يەر يۈزىنىڭ نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. يوپۇرماق يۈزى كوئېففىتسېنتى زىرائەتنىڭ ئۆسۈش پوتېنسىئالىنىڭ كۈچلۈك -ئاجىزلىقى بىلەن توپىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە، زىرائەتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بىلەن يوپۇرماق يۈزى كوئېففىتسېنتى ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. شۇڭا زىرائەتلەر توپىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىشىنى تەتقىق قىلغاندا يوپۇرماق يۈزى كۆرسەتكۈچ قىلىنىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرماق يۈزى كوئېففىتسېنتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئوخشاش بىر زىرائەتنىڭ ئوخشىمىغان كۆپىيىش مەزگىلىدىكى يوپۇرماق كوئېففىتسېنتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، شالنىڭ كۆپىيىش ئالدىنقى مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق يوپۇرماق يۈزى كوئېففىتسېنتى 5.2 ~ 5.3، ئوتتۇرا مەزگىلدە 4 ~ 6، پوقاق مەزگىلىدىن باش چىقىرىش مەزگىلىگىچە 6 ~ 8، باش چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن 4 ~ 5 دە تۇراقلىشىدۇ. يوپۇرماق يۈزى كوئېففىتسېنتى بەك كىچىك بولسا، يوپۇرماق يۈزى زىيادە كىچىك بولۇپ كېتىپ، فوتوسىنتېز ئارقىلىق ياسىغان قۇرۇق ماددا چەكلىك بولىدۇ؛ يوپۇرماق يۈزى كوئېففىتسېنتى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، يوپۇرماق بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ، بىر - بىرىنى توسۇۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈپ بەك چوڭ بولۇپ كەتسە فوتوسىنتېز ئۈنۈمى يۇقىرى بولمايلا قالماي، ھەتتا نەپەسلىنىش كۈچىيىپ ماددا سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا زىرائەتنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يوپۇرماق يۈزى كوئېففىتسېنتىنى ئەڭ مۇۋاپىق قىممەت دائىرىسىدە تىزگىنلەش لازىم.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。