Uyghur主要词典
يوتقان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ياتقاندا ئۈستىگە يېپىنىدىغان، ئولتۇرغاندا ئاستىغا سالىدىغان نەرسە. ئادەتتە تاش بىلەن ئەستەر ئىچىگە پاختا، يۇڭ، پەر سېلىپ تىكىلىدۇ.
<تۆشەك> ئومۇمىي نام.
<يېپىنچا>، <يوتقان> ئومۇمەن ئۈستىگە يېپىنىدىغىنى.
<سېلىنچا>، <كۆرپە> ياتقاندا ئاستىغا سې
يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن. قارا - قارا يەرنىڭ كۆرپىسى. كۆرپەڭنى قانداق سالساڭ، چۈشۈڭنى شۇنداق كۆرەرسەن. يەنى سېلىنچا، كۆكنى يېپىنچا قىلىپ كەلدىم. مېھمانغا يېكەنداز سال، كۆڭلىنى ئال.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياتقاندا ئۈستىگە يېپىنىپ ياتىدىغان.
سېلىنچا، كۆرپە
ياتقاندا ئاستىغا سېلىپ ياتىدىغان.
ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا قىلىپ كېلىۋاتىمەن. يالىڭاچلار يۇرتىدا يېپىنچا ياپقانلارنى ساراڭ دەيدىكەن. دوڭدىكى دوڭدادى، يوتقىنى كالتا ئىكەن پۇتۇمنى توڭدادى. كۆرپەڭ يالاڭ بولسىمۇ، كۆڭلۈك توق بولسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇخلىغاندا يېپىنىش ئۈچۈن رەختنى ئەنلەپ، ئارىسىغا پاختا قويۇپ تىكىلگەن يېپىنچا.
مامۇق يوتقان. تويلۇق يوتقان.