يوپۇرماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاڭلىماسقا، بىلمەسكە سالماق، بىغەم، جىم تۇرۇۋالماق:[مىسال:] قۇلاقنى يوپۇرماق. * تۆلەندىئاخۇن ئاكا، چاققان بول، دېدى ئۇ بوسوغىدىن پۇتىنى ئالا-ئالمايلا، -تېرىكىڭنىڭ ئۇچىدا سېغىزغان چىللاۋاتسا، قۇلاقلىرىڭنى يوپۇرۇپ ئولتۇرۇۋېرىدىكەنسەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۈرمەك، پۈرۈشتۈرمەك :[مىسال:] قاپاقنى يوپۇرماق. لېۋىنى يوپۇرماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بېشىنى ئىچىگە تىقماق، دۇغدايماق، غەمكىنلەشمەك:[مىسال:] ساۋۇت بىرئاز قورقسىمۇ، لېكىن بېشىنى يوپۇرۇپ كىرىشكە مەجبۇر بولدى.