Uyghur主要词典
ياكوبىن دىكتاتۇرىسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە ياكوبىنچىلار ئورناتقان ئىنقىلابىي دىكتاتۇرا. 1793 - يىل 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ۋە 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى قوزغىلاڭ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، گىروندېچىلار ئاغدۇرۇلۇپ، ھاكىمىيەتنى ياكوبىنچىلار ئىگىلىگەن. روبېسپېر باشچىلىقىدىكى ياكوبىنچىلار ئىنقىلابىي دىكتاتۇرىنى ئورنىتىپ، مىللىي ئۇيۇشمىدىكى گىروندېچىلارنى تازىلاپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كومىتېتى، ئامانلىقنى ساقلاش كومىتېتى ۋە ئىنقىلابىي سودىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ، دىكتاتۇرا ئورگانلىرىنى كۈچەيتكەن؛ <1793 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن> نى تۈزۈپ، ئاكتىپ پۇقرا بىلەن پاسسىپ پۇقرا دەپ ئايرىشنى ۋە سايلامنىڭ مال - مۈلۈك سالاھىيەت چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىۋاستە سايلام تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ <يەر قانۇنى> نى ئېلان قىلىپ، فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىكىنى بىكار قىلىپ، يەككە دېھقانلارنىڭ ئۇششاق يەر مۈلۈكچىلىكىنى ئورناتقان؛ <باھانى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش قانۇنى> نى يولغا قويۇپ، ھايانكەش سودىگەرلەرگە زەربە بەرگەن؛ <گۇمان قىلىنغۇچىلار قانۇنى> نى ئېلان قىلىپ، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرغان. بۇ تەدبىرلەر ياكوبىن دىكتاتۇرىسىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭلارنى تېز تىنچىتىش، چەت ئەللەرنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، فرانسىيىنىڭ بۈيۈك ئىنقىلابىي يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرگەن. ئەمما ياكوبىنچىلار دېھقانلارنىڭ يەرنى ھەقسىز تەقسىم قىلىپ بېرىش تەلىپىنى قاندۇرمىغان، ئەكسىيەتچىل <لې چاپېلېر قانۇنى> نى ساقلاپ قېلىپ، ئىشچىلار مائاشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكلىمىسىنى بېكىتكەن؛ <ساراڭلار>، ھېبېرتچىلار ۋە دانتونچىلارنى باستۇرۇپ، دىكتاتۇرىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن 1794 - يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئاغدۇرۇلغان.