Uyghur主要词典
ياڭاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قاتتىق پوستلۇق، مېغىزى ئىچىدە بولىدىغان مېۋە.
ياڭاق پوستى. * بېشىدا ياڭاق چاقماق. * پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پېشانىنىڭ تۆۋىنى. ئېڭەكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى دۆڭ چىققان يەر.
ياڭاق چاچ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياڭاق.
ئېغىزنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چىشلار جايلاشقان سۆڭەك. ھەرقانداق نەرسىنىڭ يېنىغىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. ئىشىكنىڭ يان ياغىچىنى « قاپۇغ ياڭاقى» دېيىشمۇ مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 514
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ياڭاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، ياڭاققا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى
پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى ئېللىپس شەكلىدە، ئۈچكىلىك مېۋىسى شار شەكلىدە بولىدۇ. سىرتقى مېۋە شۆپۈكى
سىلىق، ئىچكى مېۋە شۆپۈكى قاتتىق ۋە بۈدۈر - بۈدۈر بولىدۇ. ياغىچى مەزمۇت بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەرخىل ئۆي جاھازىلىرى ياسىلىدۇ. مېۋىسىنىڭ
مېغىزى ئىستېمال قىلىنىدۇ ھەم ياغمۇ تارتىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېغىزى، پەردىسى، كۆك پوستى ۋە يۇمران نوتىلىرى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، مەنىينى قويالتىش، ئۆپكىنى قۇرۇتۇش، ئۈچەينى نەملەشتۈرۈش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ ياڭاق مېغىزى 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا، پەردىسى، پوستى ۋە
شېخى مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
گرام ياڭاق مېغىزىنى 35 گرام ئۆرۈك مېغىزى بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ ھەسەل ۋە خام زەنجىۋىل سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ
ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، يۆتەل ۋە دەم سىقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
100 دانە ياڭاقنى 15 گرام قارا شېكەر، 81 گرام ئاق شېكەر، 65 گرام سېرىق موم، 20 تال كۆيدۈرۈلگەن چىلان بىلەن قوشۇپ سوقۇپ، سۇدا
نەمدەپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 20 تالدىن قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال
قىلىپ بەرسە، ئاشقازان يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈچ كىلوگرام پىشمىغان ياڭاق (ئالتىنچى، يەتتىنچى ئايلاردا ئۈزۈلگەن)نى ئېزىپ، بەش كىلوگرام ئاق ھاراق ياكى% 60 لىق ئىسپىرتقا 20 ~
30 كۈن چىلاپ تۇرغۇزۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 مىللىلىتىر ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل ئاشقازان ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياڭاق نوتىسىدىن 250 گرام، توخۇ تۇخۇمىدىن ئالتە تال ئېلىپ، ساپال قاچىدا قاينىتىپ، تۇخۇم چالا پىشقان چاغدا شاكىلىنى
چىقىرىۋېتىپ يەنە قاينىتىپ، تۇخۇمنىڭ رەڭگى جاڭيۇنىڭ رەڭگىگە كىرگەندىن كېيىن، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىردىن تۇخۇمنى يېرىم
ئاي ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە ئاشقازان راكىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىر كىلوگرام ياڭاق نوتىسىغا تەڭ مىقداردا سۇ قۇيۇپ، 50 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 1 ~ 2
مىللىلىتىر ئىچىپ بەرسە، تۈز ئۈچەي راكىغا مەنپەئەت قىلىدۇ (ئەكسىچە تەسىر كۆرسەتسە كۆك ماش شورپىسى ئىچىش كېرەك).
ياڭاق مېغىزى ۋە ناۋاتتىن 65 گرامدىن ئېلىپ، ئالدى بىلەن ياڭاقنى قورۇپ، ئاندىن ناۋات قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ بىر قېتىمدىلا ئىستېمال
قىلسا، سۈيدۈك يوللىرىدىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ (ئۈنۈمى كۆرۈلگىچە ياساپ ئىستېمال قىلىش كېرەك).
12 گرام ياڭاق پەردىسىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل ياڭاق پوستىنى سوقۇپ مەلھەم قىلىپ، باشنى ئىسسىق سۇ بىلەن پاكىز يۇغاندىن چېپىپ بەرسە، باش تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
ھۆل ياڭاق پوستىنى يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى ۋە تەڭگىسىمان تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىئولوگىيە
ياڭاق ئائىلىسىگە كىرىدۇ، دەرەخ، ئۆزەك قىسمى تەڭگىسىمان بولىدۇ، يوپۇرماق رېتى تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى 5 - 11 گىچە، ئېللىپسسىمان تۇخۇم شەكىللىكتىن ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىككىچە بولىدۇ، ئۈستۈنكى يۈزى توق يېشىل، پارقىراق، ئاستىنقى يۈزىنىڭ پەقەت يان تومۇر قولتۇقىدىلا بىر توپ قىسقا تۈكچە بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى يۇمىلاق ھەم سىلىق، تۈۋى چوڭ بولىدۇ. گۈلى تاق جىنسلىق بولۇپ، ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ. ئاتىلىق پوتلىسىمان گۈل رېتى تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، ئانىلىق گۈل رېتى توپلىشىپ تىك ئۆسىدۇ. ئۈچكىلىك مېۋىسى شار شەكىللىك، سىرتقى مېۋە پوستى گۆشلەشكەن، كۈل رەڭ يېشىل بولۇپ، رەتسىز يېرىلىدۇ؛ ئىچكى مېۋە پوستى سۆڭەكلىشىدۇ، سىرتقى يۈزى ئويمان - دۆڭ ياكى پۈرۈك بولۇپ، ئىككى تال كۆندىلەڭ قىرى بولىدۇ، ئالدىنقى ئۇچىدا قىسقا ئوقيا بېشى بولىدۇ. ئايرىغۇچى پەردىسى نېپىز، ئىچىدە بوشلۇق بولمايدۇ. ئەسلى ماكانى ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇب قىسمى بولۇپ، خەن دەۋرىدە جۇڭگوغا كىرگەن، ھازىر ھەرقايسى ئورۇنلاردا كەڭ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ، سورتى ئىنتايىن كۆپ، مۇنبەت تۇپراقتا ئۆسىدۇ، مېغىزىنىڭ ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىلىنىدۇ ياكى ماي تارتىلىدۇ؛ ئۇ بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، ئاستا خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ؛ ياغىچى مۇستەھكەم بولۇپ، مىلتىق پاينىكى، ئايروپىلان ياكى ئويمىچىلىققا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئىچكى مېۋە پوستىدىن ئاكتىپلاشقان كاربون ياسىلىدۇ؛ سىرتقى مېۋە پوستى ۋە دەرەى قوۋزىقى تەركىبىدە تاننىن مول بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
ياڭاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى ئېللىپس شەكلىدە، ئۈچكىلىك مېۋىسى شار شەكلىدە بولىدۇ. سىرتقى مېۋە شۆپۈكى سىلىق، ئىچكى مېۋە شۆپۈكى قاتتىق ۋە بۈدۈر - بۈدۈر بولىدۇ. ياغىچى مەزمۇت بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەرخىل ئۆز جاھازلىرى ياسىلىدۇ، مېۋىسىنىڭ مېغىزى ئىستېمال قىلىنىدۇ. ياغمۇ تارتىلىدۇ، دورا قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<ئانات> قۇلاقنىڭ ئالدىدىكى چاچ ئۆسكەن جاي.
<مۇز> قوۋۇزنىڭ چالغاندا چىشلەپ تۇرىدىغان ئىككى يان بۆلىكى. قوۋۇزدا بىر جۈپ بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا تىل بولىدۇ.