Uyghur主要词典
ياكوبىنچىلار
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا ياكوبىن كۇلۇبى ئەزارلىرىنىڭ ئاتىلىشى. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، فېيلانتىسچىلار بىلەن گىروندېچىلار ياكوبىن كۇلۇبىدىن ئارقا - ئارقىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، روبېسپېرر باشچىلىقىدىكى تاغلىقلار كۇلۇبتا يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەپ، ياكوبىنچىلار ئوتتۇرا، ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىنقىلابىي دېموكراتلارغا ئايلانغان. ئۇلار 1793 - يىل 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ۋە 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى قوزغىلاڭدىن كېيىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن ھەمدە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاقى ۋە قوللانغان بىر قاتار ئىنقىلابىي تەدبىرلىرىگە تايىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىدىكى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، بۈيۈك ئىنقىلابنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان. 1794 - يىلى ئەتىيازدا <ساراڭلار>، ھېبېرتچىلار ۋە دانتونچىلارنى باستۇرغاندىن كېيىن، ياكوبىنچىلارنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشقان. شۇ يىلى تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدە، ياكوبىن دىكتاتۇرىسى ئاغدۇرۇلغان، ياكوبىنچىلارنىڭ سىياسىي رولىمۇ تېز يوقالغان. <ياكوبىن كۇلۇبى> غا قاراڭ.