Uyghur主要词典
ياكوبىن پارتىيىسىدىكىلەر دېلوسى
领域: دۇنيا تارىخىⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئاۋسترىيە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتلار ۋە ئىلغار زىيالىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى. فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابنىڭ تەسىرىدە، 1794 - يىلى ئەتىيازدا ئاۋسترىيىنىڭ ۋېنا ۋە ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ۋېنگرىيىنىڭ بۇداپىشت قاتارلىق جايلىرىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، <ئەركىنلىك - باراۋەرلىك جەمئىيىتى> ۋە <ئىسلاھاتچىلار جەمئىيىتى> قاتارلىق مەخپىي دېموكراتىك تەشكىلاتلار قۇرۇلغان ھەمدە پروگراممىلىرىنى تۈزۈپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىنى بىكار قىلىپ، مەسئۇل ئىچكى كابىنېت تۈزۈمىدكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش؛ پۇقرالار ئەركىنلىك - باراۋەرلىك ۋە دۆلەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش؛ مىللىي مۇستەقىللىك ۋە ئۆزىگە - ئۆزى خوجا بولۇش؛ كىتاب - ژۇرناللارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە مەخپىي ساقچىلارنى تارقىتىۋېتىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. 1794 - يىلى ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى دېموكراتىك ھەرىكەنى <ياكوبىن پارتىيىسىدىكىلەر ھەرىكىتى> دەپ قارىلاپ، ئاۋسترىيە بىلەن ۋېنگرىيىدە تەشكىلات ئەزالىرىنى كۆپلەپ قولغا ئالغان، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈم جازاسىغا ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرىدىن مۇردىنوۋىچ، لوسكىۋىچ، خوئىنوچ قاتارلىقلار ئىككىنچى يىلى 5 - ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ ئىشتىن كېيىن ئاۋسترىيە بۇ دېلودىن پايدىلىنىپ، مەملىكەت ئىچىدە تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كەڭ زىيالىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。