Uyghur主要词典
ھۈجەيرىلەرنىڭ خەۋەرلىشىشى
领域: بىئولوگىيە<ھۈجەيرىلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى> دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىقلار تېنىدىكى ھۈجەيرىلەر ئارىلىقلىرىدا ئۇچۇر ئىككى خىل ئۇسۇلدا يەتكۈزۈلىدۇ: (1) بىۋاستە خەۋەرلىشىش، ھۈجەيرىنىڭ تېگىشى ياكى تۇتىشىشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. (2) ۋاستىلىك خەۋەرلىشىش، سىگنال مولېكۇلىلىرىنىڭ ھۈجەيرە سىرتىدىكى تەن سۇيۇقلۇقىدىن ئۆتۈشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالدىنقىسى، مەسىلەن، ھايۋان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئارىلىق بوشلۇقى ئارقىلىق تۇتىشىشى، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئارىلىقىدىكى ئۆسۈكچە تېگىشمىسى ۋە ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرى ئارىلىقلىرىدىكى ھۈجەيرە ئاىرلىق يىپچىلىرى ھۈجەيرە ئارىلىقلىرىدىكى مۇھىم ئۇچۇر يەتكۈزۈش قۇرۇلمىلىرىدۇر. كېيىنكىسى، مەسىلەن، ھايۋان تېنىدىكى گورمون مولېكۇلىلىرىنىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈشى، ھۈجەيرىلەرنىڭ خەۋەرلىشىشى، بەدەننىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىسىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە ئورگانىزم بىلەن مۇھىتنىڭ بىرلىكىگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。