Uyghur主要词典
ھۈجەيرە قوشۇلۇش
بىئولوگىيە
تەن ھۈجەيرىلىرىنڭ قوشۇلۇشى ياكى ئۇلارنىڭ شالغۇتلاشتۇرۇلۇشى. ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ھۈجەيرىلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆز ئارا قوشۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن، سۈنئىي ئۇسۇلدا ئاكتىپلىقىنى يوقاتقۇچى ۋىرۇسلار ياكى خىمىيىلىك ئامىللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىقمۇ ئىلگىرى سۈرۈش مۇمكىن. ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن چوقۇم ھۈجەيرە پوستىنى چىقىرىۋەتكەندىلا ئاندىن مۇمكىن بولىدۇ. گېن تىپلىرى ئوخشىمايدىغان ئىككى ھۈجەيرىنىڭ ئىندۇكسىيىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئەي بولىدىغان بىر قوش يادرولۇق ھۈجەيرە غەيرىي يادرولۇق تەنچە دېيىلىدۇ. غەيرىي يادرولۇق تەنچە يادروسىنىڭ يىپلىق بۆلۈنۈشى ئارقىلىق يادرولىرى قوشۇلۇپ، بىر يادرولۇق شالغۇت ھۈجەيرە ھاسىل بولىدۇ. تەن ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشى ياكى ئۇلارنىڭ شالغۇتلاشتۇرۇلۇشى ھەر خىل جانلىقلار ئوتتۇرىسىدا تاكسومومىيە سىستېمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ خىل تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل مەسىلىلەر ھۈجەيرە سەۋيىسىدە ئانالىز قىلىنىدۇ ۋە تەتقىق قىلىنىدۇ. ئادەم بىلەن چاشقان ياكى جۇڭگو ئامبار چاشقىنىنىڭ تەن ھۈجەيلىرىنى شالغۇتلاشتۇرۇش ئادەم گېنىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش ۋە باغلىنىش سخېمىسىنى سېزىشنىڭ بىر خىل ئاساسلىق ئۇسۇلىدۇر، مەسىلەن، تاماكا ئوتىنىڭ تەن ھۈجەيرىلىرىنى تۈرلەر ئارا شالغۇتلاشتۇرغاندا، شالغۇت ھۈجەيرىدىن يېڭى ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ بىر خىل يېڭى يولىدۇر.