Uyghur主要词典
ھۈجەيرە يادروسى
بىئولوگىيە
ھۈجەيرىنىڭ ئىرسىي مادا ساقلىنىدىغان مۇھىم ئورنى، ھۈجەيرىنىڭ مۇھىم تۈزۈلۈشى بولۇپ، ئادەتتە شارسىمان ياكى ئېللىپىسسىمان بولىدۇ. لېكىن باشقا شەكىللىرى، مەسىلەن، ئۇرچۇقسىمان، تەخسىسىمان، شاخسىمان قاتارلىقلىرىمۇ بولىدۇ. سانى ئادەتتە بىر دانە، لېكىن ئىككى دانە كۆپ بولىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. چوڭ - كىچىكلىكى ھۈجەيرىگە قاراپ ئوخشىمايدۇ، ئەڭ كىچىكىنىڭ دىئامېترى بىر مىكرونغا يەتمەيدۇ، ئەڭ چوڭى 500 ~ 600 مىكرونغىچە بولىدۇ. ھۈجەيرە يادروسىنىڭ ئىككى قەۋەت پەردىسى بولىدۇ ھەمدە ئۇ ئىچكى پلازما تورىغا تۇتىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يادرو تۆشۈكچە كومپلېكس تەنچىسى بولىدۇ. يادرو پەردىسىنىڭ سىرتقى قەۋىتىنىڭ يۈزىدە رىبوزوما بولىدۇ. يادرودا خروماتىن (خروموسوما)، يادروچاق ۋە شەكىلسىز ئاساسىي ماددىسى بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغان ھۈجەيرە يادروسى ھەقىقىي يادرو، ھەقىقىي يادروسى بولغان ھۈجەيرە ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىدۇ. باكتېرىيە ۋە كۆك يۈسۈن قاتارلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىرسىي ماددىسى ھۈجەيرىنىڭ بەلگىىك ئورنىدا بولىدۇ، بۇ ئورۇن يادرو رايونى دەپ ئاتىلىدۇ. خروماتىننى ئوراپ تۇرىدىغان يادرو پەردىسى بولمىغانلىقتىن، يادروسىمان تەنچە ياكى ئىپتىدائىي يادرو دەپ ئاتىلىدۇ، ئىپتىدائىي يادروسى بولغان ھۈجەيرە ئىپتىدائىي يادرولۇق ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىدۇ. ھۈجەيرە يادروسى ھۈجەيرىدە ئىرسىيەت ئۇچۇرلىرى ساقلىنىدىغان، نۇسخا قالدۇرىدىغان ۋە كۆچۈرۈلىدىغان مۇھىم ئورۇن بولۇپ، ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشى، كۆپىيىشى، يېتىلىشى، تەدرىجىي تەرەققىياتى قاتارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.