Uyghur主要词典
ھۈر
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئەركىن، ئازاد.
ھۈر ياشىماق. * ھۈرلۈك، ھۈرىيەت، ھۈر ئەل. * ھۈر زامان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
* جەننەتتىكى گۈزەل قىزلار. ھۈرلەر.
ھۈرى - غىلمان. * ھۈر قىزلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چەك - چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان، ئۆز ئەركى ئۆزىدە بولغان.
زەنجىرلىنىپ توق يۈرگندىن ئاچ يۈرۈپ ئەركىن بولغان ياخشى. خارابىدە سۇلتان بولغۇچە ئەركىن يۈرگەن كونچى بول. بېگىمە قوشنا بولساڭ، ئەركىن قۇل بولىسەن. ھۈر ھۆرمەتكە لايىق. ئازاد ئادەمگە ئالەم كەڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي ئەپسانە بويىچە جەننەتتىكى گۈزەل قىز. شۇنىڭغا نىسبەت قىلىنغان بۇ دۇنيادىكى نازىنىن، چىرايلىق قىز.
ھۈرلەر خىزمىتىڭدە بولسۇن. ئەخلاقسىز پەرىنى مەسىت قىلار ھاراق. ھۆرلىقا ھۆرىيەتنىڭ، گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى.