Uyghur主要词典
ھىندىستانلىقلار ئۇيۇشمىسى
领域: دۇنيا تارىخىھىندىستاندىكى مىللەتچى تەشكىلات. 1876 - يىلى 7 - ئايدا سورىندرا - نات بانناگى بىلەن ئاناند موھان بوسېلەر كالكۇتتا شەھىرىدە قۇرغان. كېيىن بېنگال ۋە ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شۆبىلىرى قۇرۇلغان. پومېشچىك - بۇرژۇئا لىبېرالىستلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. مەقسىتى: مېموراندۇم تاپشۇرۇش ۋە تىنچلىق يولى بىلەن ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق مەملىكەت ئىچىدە جامائەت پىكرى توپلاپ، ھىندىستانلىقلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىش، سىياسىي مەنپەئەت ۋە ئارزۇنىڭ بىرلىك - ئورتاقلىقى ئاساسىدا ھىندىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ھىندى دىنى مۇرىتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. دېھقانلار ۋە يەر مەسىلىسىدە بولسا بۇ ئۇيۇشما زامىندارى تۈزۈمىنى قوللىغان. 1883 - يىلى 12 - ئايدا كالكۇتتىدا 1 - قېتىملىق مىللىي يىغىن چاقىرغان. بۇنىڭغا بېنگال، مادراس، بومباي ۋە بىرلەشمە ئۆلكىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. ھىندىستانلىقلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بېنگالدا تەشكىللىك مىللىي ھەرىكەت تەرەققىياتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ پائالىيىتى ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس ياراتقان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。