Uyghur主要词典
ھىندىستان يەرلىك شتاتلىرى
领域: دۇنيا تارىخىھىندىستاندىكى يەرلىك بەگلەرنىڭ فېئودال زېمىنلىرى. ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ھىندىستاندىكى بىر قىسىم شتاتلار ئەنگلىيىنىڭ بىۋاستە ھۆكۈمرانلىقىدىكى <ئەنگلىيىگە قارام ھىندىستان> دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن. لېكىن بۇلارمۇ ئەنگلىيىگە ئىتائەت قىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن ھەرخىل شەرتنامىلەرنى تۈزۈشكەن. چوڭ ھوقۇق شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، بەگ - خوجىلار پەقەت نامدىلا ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، تاشقى جەھەتتە باشقا شتاتلار ياكى باشقا مەملىكەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ھوقۇقى بولمىغان، ئىچكى جەھەتتە ناھايىتى زور ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، بەگ - خوجىلار شۇ شتات خەلقىنىڭ ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانى بولغان، بەگ - خوجىلارنىڭ ھەر خىل ناملىرى بولغان. مەسىلەن: راجا، ماھاراجا، ناۋاب، نىزام قاتارلىقلار. بۇلار ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى قوغدىغۇچى بىر ئىجتىمائىي قاتلام بولۇپ، 1947 - يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستانغا بۆلۈپ باشقۇرۇشنىڭ ھارپىسىغىچە تەخمىنەن 600 شتات بولۇپ، بۇ شتاتلارنىڭ تەخمىنەن 1 مىليون 145 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى ئىگىلەپ، 100 مىليونغا يېقىن ئاھالىسى بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ شتات ھەيدەر ئاباد ۋە كەشمىر شتاتلىرى بولغان. مائۇنتىباتېن لايىھىسىدە بۇ شتاتلار ئەنگلىيە <ھاكىمىيەت تاپشۇرغان> دىن كېيىن ئالاھىدە ئورۇندىن بەھرىمەن بولۇپ، ھىندىستان ياكى پاكىستان دومىنىئونغا كىرىشنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ ياكى يەنىلا ئەنگلىيە بىلەن بولغان ئەسلىدىكى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالسىمۇ بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. كېيىن بۇ شتاتلارنىڭ كۆپچىلىكى ھىندىستانغا، ئاز قىسمى پاكىستانغا قوشۇلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。