Uyghur主要词典
ھىندىستان پاكىستان ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1947 - يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈپ ئىدارە قىلىنغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇش. 1 - قېتىملىقى (1947 - يىلى 10 - ئاي، 1949 - يىلى 1 - ئاي) ۋە 2 - قېتىملىقى (1965 - يىلى 9 - ئاي) كەشمىر رايونىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى بىلەن كېلىپ چىققان (كەشمىر مەسىلىسىگە قارالسۇن). 1971 - يىل 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ھىندىستان شەرقىي پاكىستانغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا 3 - قېتىملىق ئۇرۇش يۈز بەرگەن. كېيىن ئۇرۇش غەربىي پاكىستانغىچە كېڭەيگەن، ب د ت يىغىنى بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ۋە 21 - كۈنى قارار ماقۇللاپ ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئىككى تەرەپ 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى پۈتۈن سەپ بويىچە ئۇرۇش توختاتقان. 1972 - يىلى 6 - ئايدا، ھىندىستان بىلەن پاكىستان <ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. ئۇرۇشتىن كېيىن شەرقىي پاكىستاندا بېنگال دۆلىتى قۇرۇلغان.