Uyghur主要词典
ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى قارار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى دىنىي نەزەرىيىۋى ئاساس كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈپ ئىدارە قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئاھالىنىڭ دىنى ئېتىقادى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئادىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ھىندىلار ۋە مۇسۇلمانلاردىن ئىبارەت ئىككى <مىللەت> گەۋدىسىنى ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ ئىناق ياشىيالمىدى. شۇڭا ھەر قايسىسىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش كېرەك، دەپ قارالدى. باشتا سەئىد ئەھمەدخان ئاساسىي ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇھەممەد ئىقبال 1930 - يىلىدكى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئىتتىپاقىنىڭ يىللىق يىغىنىدا بۇ ئىيدىيىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. مۇھەممەد ئەلى جىنناھ 1940 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ <دەۋر ۋە دولقۇن> ناملىق ژۇرنىلىغا ماقالە يېزىپ، بۇ ئىشنى تۇنجى قېتىم جامائەتكە ئېلان قىلدى. شۇ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنى رەسمىي ماقۇللىغان مۇناسىۋەتلىك قارارلار پاكىستان دۆلىتىنى قۇرۇشنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولۇپ قالدى. 1947 - يىلى 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئېلان قىلىنغان ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش لايىھىسى مۇشۇ نەزەرىيىگە ئاساسەن ھىندىستاننى ھىندىستان ئىتتىپاقى ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت ئىككى ئاپتونومىيىگە ئايرىدى. بۇ قارار 8 - ئاينىڭ 14 - ۋە 15 - كۈنلىرى پاكىستان ۋە ھىندىستاندا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 1950 - يىلى ھىندىستاننىڭ، 1956 - يىلى پاكىستاننىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.