Uyghur主要词典
ھىنايانا
دۇنيا تارىخى
سانسكرىت يېزىقىدىكى hinayana دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى <كىچىك ھارۋا> دېگەننى بىلدۈرىدۇ. يەنى ھىنايانا بۇددىزمى. مىلادى Ⅰ ئەسىردە ماھايانا بۇددىزمى ئەۋج ئېلىپ، <كۆپچىلىكنى قۇتۇلدۇرۇش> نى تەشەببۇس قىلغان. ئەسلىدە <ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش> تا چىڭ تۇرىدىغان بالدۇرقى بۇددا دىنى ھىنايانا دەپ ئاتالغان. ھىنايانا بۇددا دىنى ئاساسەن سىرىلانكا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە تارقالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سانسىكرىتچە
دىن
بۇددا دىنىنىڭ ئىلىگىرىكى كونا مەزھىپى . قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا »كىچىك كۆلۈڭگۈ (kiqig kolunggu)«دەپ ئاتىلىدۇ .