Chinese→Uyghur主要词典
亨利四世
دىن
hēng lì sì shì
基
خىرىستيان دىنى
ھېنرى Ⅳ
دۇنيا تارىخى
ھېنرىخ Ⅳ
(1) ھېنرىخ Ⅳ (1050 - 1106) گېرمانىيە كورۇلى (1056 - 1106). مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى (1056 - 1106، 1084 - يىلى تاج كىيدۈرۈلگەن). گۆدەك ۋاقتىدا تەختكە چىقىرىلغان ئەمما ئاپىسى نائىپلىق قىلغان (1062 - يىلغىچە)، بۇ مەزگىلدە فېئوداللار داۋاملىق خان جەمەتىنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغان. 1066 - يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن مۇنارخىيىنى كۈچەيتىپ، خان جەمەتىنىڭ قولىدىن كەتكەن زېمىنىنى قايتۇرۇۋالغان، شۇ سەۋەپتىن، فېئوداللارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىلىپ، 1073 - 1075 - يىللىرىدىكى ساكسونىيە قوزغىلىڭىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشقا تاس قالغان. ئۇ يەنە رىم پاپاسى گرىفورىي Ⅶ بىلەن ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالاشقان؛ 1076 - يىلى ۋۇرمىس دىنىي يىغىنىدا پاپانى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ يىلى پاپا ئۇنى دىندىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئىمپېراتورلۇق ئورنىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە چوڭ فېئوداللىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن. 1077 - يىلى 1 - ئايدا، ئۇ كانوسسادا تۇرۇۋاتقان پاپانىڭ قېشىغا كېلىپ <گۇناھىغا توۋا> قىلىشقا مەجبور بولغان. ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن ئۇ يەنە 1084 - يىلى رىمغا بېسىپ كىرىپ گرىگورىي Ⅶ نى بىكار قىلىپ، ئورنىغا كلېمېنت Ⅲ (1187 - 1191 - يىللىرى تەختتە بولغان) نى يېڭى پاپا قىلىپ تىكلىگەن ھەمدە كلېمېنت Ⅲ ھېنرىخ Ⅳ گە تاج كىيدۈرگەن. (2) ھىنرىي Ⅳ (1367 - 1413). ئەنگلىيە كورۇلى (1399 - 1413). لانكاستېر گرېتسوگى جۇن (1340 - 1399) نىڭ ئوغلى. 1398 - يىلى كورۇل رىچارد Ⅱ تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. 1399 - يىلى 7 - ئايدا، رىچاردنىڭ ئېرلاندىيىگە يۈرۈش قىلغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بىر تۈركۈم ئاقسۆڭەكلەرنى توپلاپ، رىچاردنى تەختتىن ھەيدەپ، ئۆزىنى كورۇل قىلىپ تىكلەپ، لانكاستىرلار خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى بېسىپ، ئۇششاق ئاقسۆڭەك ۋە ھاللىق شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ، پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، لولاردچىلارنى باستۇرغان. (3) ھىنرى Ⅳ (1553 - 1610) فرانسىيە بوربون خاندانلىقىنڭ كورۇلى (1589 - 1610)، ناۋاررا كورۇلى (1572 - 1589). 1569 - يىلى لۇئى كوندې (1530 - 1569) دىن كېيىن خۇگۇ ئېنوتچىلارنىڭ يولباشچىسى بولغان. 1572 - يىلى ناۋاررا پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ ئۆزىنى ھېنرى (ناۋاررا) دەپ ئاتىغان. شۇ يىلى 8 - ئايدا، فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅸ (1560 - 1574 - يىللىرى تەختتە بولغان) نىڭ سىڭلىسى مارگېرىت (1553 - 1615) بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى بىلەن خۇگۇ ئېنوتچىلار مۇرىتلىرى ئەسلىدە قۇدا چۈشۈش ئارقىلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشنى (ئىككى تەرەپ 1562 - يىلى ئەسكەر تارتىپ تۇتۇشقان، بۇ، تارىختا خۇگۇ ئېنوت ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان) پەسەيتىش كويىدا بولغان. بىراق كاتولىك دىنى گۇرۇھىنىڭ يولباشچىسى ھېنرى گېس ۋە خانىكە كاتېرىنامېدىچ 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خۇگۇ ئېنوت دىنىي مۇرىتلىرى ئۈسىتدىن چوڭ قىرغىنچلىق (يەنى <سىت باتولومى پاجىئەسى>) ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاپ، خۇگۇ ئېنوت ئۇرۇشىنىڭ قايتا باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان. 1589 - يىلى 8 - ئايدا فرانسىيە كورۇلى ھېنرى Ⅲ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھېنرى Ⅳ تەختكە چىققان. 1593 - يىلى خۇگۇ ئېنوت مۇرىتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قېلغان. 1594 - يىلى پارىژغا كىرىپ، رەسمىي تاج كىيگەن. شۇنىڭ بىلەن خۇگۇ ئېنوت ئۇرۇشى ئاياغلاشقان. 1598 - يىلى <نانت يارلىقى> نى چىقىرىپ، كاتولىك دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇگۇ ئېنوت مۇرىتلىرىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ياۋروپادا دىنىي كەڭچىلىك قىلىشنىڭ نەمۇنىسىنى باشلاپ كىرگەن. كروكان قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، بويسۇنمىغان ئاقسۆڭەكلەرنى قاتتىق جازالىغان. 1593 - يىلدىن كېيىن ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرماي، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى قاتتىق يولغا قويغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە، قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، قوي يۇڭى، مەشۇت قاتالىق خام ئەشيالارنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان، قول سانائەت ئىشخانىلىرىنى ۋە سودا شىركەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن ھەمدە 1604 - يىلدىن باشلاپ كاناداغا ئاھالە كۆچۈرگەن؛ خەلقنى ئارام ئالدۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلەتكەن. سىرتقا قارىتا ئەنگلىيە قاتارلىق پروتېستانت دىنىي دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىسپانىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلەنگەن. 1610 - يىلى 5 - ئايدا جاھىل كاتولىك دىنى مۇرىتى راۋالياك (1578 - 1610) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.