Chinese→Uyghur主要词典
亨利七世
دۇنيا تارىخى
ھېنرىخ Ⅶ
(1) ھېنرىخ Ⅶ (تەخمىنەن 1275 - 1313) گېرمانىيە كورۇلى (1308 - 1313)، مۇقەددەس رىمنىڭ ئىمپېراتورى (1308 - 1313، 1312 - يىلى تاج كىيدۈرۈلگەن). ئەسلىدە ليۇكسىمبۇرگنىڭ گرافى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، ليۇكسىمبۇرگ خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان. 1310 - يىلى، قوشۇۋالغان چېخىيە پادىشاھلىق تەختىنى ئوغلى جون (ليۇكسىمبۇرلىق) غا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. شۇ يىلى ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، پاپا كىلىمېنت Ⅴ ۋە نېئاپول كورۇلىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، مەغلۇپ بولغان. ئۆزىمۇ ئىتالىيىنىڭ سېنا ئەتراپىدا ئۆلگەن. (2) ھىنرىي Ⅶ (1457 - 1509). ئەنگلىيە كورۇلى (1485 - 1509). ئادەتتە ھېنرىي تۇدور دەپ ئاتىلىدۇ. رېچمۇند گرافى ئېدمۇند تۇدور (تەخمىنەن 1430 - 1456) نىڭ ئوغلى، لانكاستېر جەمەتىنىڭ يىراق تۇغقىنى. ئەتىرگنل ئۇرۇشى (1455 - 1485) داۋامىدا لانكاستېر جەمەتىنى قوللاپ، يورك جەمەتىگە قارشى تۇرغان. 1485 - يىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بوسۋارت دالاسى (ھازىرقى ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى) دا، ئەنگلىيە كورۇلى رىچارد Ⅲ نى مەغلۇپ قىلىپ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى ھېنرىي Ⅶ دەپ ئاتاپ تۇدور خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خۇسۇسىي قوراللىق كۈچىنى تارقىتىۋەتكەن، قەلئەلىرىنى بۇزۇپ تۈپتۈز قىلىۋەتكەن. يۇلتۇرز سوت مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، بويسۇنمىغان چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى جازالىغان؛ سودا - سانائەت ۋە دېڭىزچىلىق ئىشلىرىنى مۇكاپاتلاپ، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرغان. مەملىكەت ئىچىدە قىممەت مېتال بۇيۇملىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان. مەملىكەت ئىچىدە كاپىتالىستىك ئامىللارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ كورۇل جەمەتىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىسپانىيە، فرانسىيە، شوتلاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھ جەمەتلىرى بىلەن قۇدا چۈشۈشكەن.