Chinese→Uyghur主要词典
亨利三世
دۇنيا تارىخى
ھېنرىخ Ⅲ
(1) ھېنرىخ Ⅲ (1017 - 1056) گېرمانىيە كورۇلى (1039 - 1056). مۇقەددەس رىمنىڭ ئىمپېراتورى (1039 - 1056؛ 1046 - يىلى ئىمپېراتورلۇق تاجىنى كىيگەن). كونراد Ⅱ نىڭ ئوغلى. 1046 - 1047 - يىللىرى ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۆزئارا بىللە مەۋقۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۈچ پاپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۈچ نەپەر گېرمانىيىلىكنى پاپا قىلىپ تىكلىگەن، ئالدىنقى ئىككىسى ئۇزاق ئۆتمەي رىم ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، ئۈچىنچىسى لېئو Ⅸ (1049 - 1054 - يىللىرى تەختتە بولغان) دەپ ئاتالغان. چېركاۋنىڭ مەنىۋى ۋە ماددىي كۈچىگە تايىنىپ فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەش غەرىزىدە، چېركاۋنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسلاھات ھەرىكىتى (<كلونىي ھەرىكىتى> گە قاراڭ) نى قوللىغان. (2) ھېنرىي Ⅲ (1207 - 1272) پلانتاگېنېت خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (6121 - 1272). ئەنگلىيە كورۇلى جون (زېمىنسىز) نىڭ چوڭ ئوغلى. توققۇز يېشىدا تەختكە چىققان، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر نائىپلىق قىلغان. 1227 - يىلى ئۆزى سوراشقا باشلىغان. تەختتىكى مەزگىلىدە پاپا ۋە خانىكىنىڭ فرانسىيىلىك قۇدا - باجىلىرىغا تايىنىپ، مەملىكەتنىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن قارشىلاشقان. 1257 - يىلى ئىككىنچى ئوغلى ئېدمۇندغا ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ئېلىپ بېرىش غەرىزىدە، پاپا بىلەن ئەينى زاماندا سىتسىلىيىنىڭ كورۇلى بولۇپ تۇرغان گېرمانىيىلىك خوجېنستۇفېن خاندانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا ئارىلاشقان، پاپاغا 135 مىڭ مارك ئۇرۇش خىراجىتى يىغىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان ھەمدە مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئاقسۆڭەكلەر، رىتسارلارغا سېلىق سالغان. 1258 - يىلى ئاقسۆڭەكلەر رىتسارلار ۋە شەھەر ئاھالىسى بىلەن بىرلىشىپ، كورۇل ئوردىسىغا بېسىپ كىرىپ <ئوكسىفورد نىزامى> نى قوبۇل قىلىشقا مەجبورلاپ، پادىشاھلىق ھوقۇقىنى 15 نەپەر ئاقسۆڭەكنىڭ نازارىتى ئاستىغا قويغان. 1261 - يىلى ھېنرى بۇ نىزامنى بىكار قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇشنى (1263 - 1267) كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1264 - يىلى، ئاقسۆڭەك ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىنىڭ يولباشچىسى سىموندې مونفور ھېنرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھېنرى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئېدۇئارد (كېيىنكى ئېدۇئارد Ⅰ) نى ئەسىرگە ئالغان. ئىككىنچى يىلى ئېدۇئارد ئەسىرلەر لاگېرىدىن قېچىپ چىقىپ، سىموندې مونفورنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ھېنرىنى قۇتقۇزۇپ تەختنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. (3) ھېنرى Ⅲ (1551 - 1589) فرانسىيە - ۋالو (ۋارويا) خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (1574 - 1589). 1572 - يىلى 8 - ئايدا، ئاپىسى كاتېرىنا مېدىچ بىلەن پارىژدا خۇگۇ ئېنوتچىلارنى قىرغىن قىلىش (يەنى <سىن باتولومى پاجىئەسى>) نى پىلانلاپ خۇگۇ ئېنوتچىلار ئۇرۇشىنى بارغانسېرى كەسكىنلەشتۈرۋەتكەن. 1573 - يىلى پولشا كورۇللۇقىغا سايلانغان. 1574 - يىلى، ئاكىسى، فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅸ (1560 - 1574 - يىللىرى تەختتە بولغان) نىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ، پارىژغا قايتىپ كېلىپ، كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. خۇگۇ ئېنوتچىلار ئۇرۇشى داۋامىدا ھېنرى گېس باشچىلىقىدىكى كاتولىك دىنى گۇرۇھى بىلەن ھېنرى (ناۋاررالىق) باشچىلىقىدىكى ھۇگۇ ئېنوتچىلار ئوتتۇرىسىدا بىقارارا بولۇپ كەلگەن. دەسلەپ ھېنرى گېسقا يېقىنلىشىپ، ھېنرى (ناۋاررالىق) غا قارشى تۇرغان. كېيىن ھېنرى گېسنىڭ ھوقۇقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ بىلەن ئۆچەكىشىپ قالغان. 1588 - يىلى پارىژدا كورۇلغا قارشى قوزغىلاڭ بولۇپ، چارتىرىې (پارىژنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان) غا قېچىپ كەتكەن. شۇ يىلى ئادەم ئەۋەتىپ ھېنرى گېسنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 1589 - يىلى ھېنرى (ناۋاررالىق) بىلەن بىرلىشىپ، پارىژغا ئەسكەر باشلاپ كىرگەن، ئۇزاق ئۆتمەي دومىنكان مۇناخى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ھېنرى (ناۋاررالىق) فرانسىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىنى ھېنرى Ⅳ دەپ ئاتىغان.