Chinese→Uyghur主要词典
亨利二世
دۇنيا تارىخى
ھېنرىي Ⅱ
(1133 - 1189) ئەنگلىيە كورۇلى (1154 - 1189)، پىلانتاگېنېت خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. ئۇنىڭ ئاتىسى فرانسىيە ئانجۇلۇق گراف گېئوفرىي (1113 - 1151)، ئانىسى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىي Ⅰ نىڭ قىزى ماتېلدا (1102 - 1167). 1150 - يىلى نورماندىيە گېرتسوگى بولغان. 1151 - يىلى ئانجۇ گراف بولغان. 1152 - يىلى قۇد چۈشۈش ئارقىلىق يەنە ئاكۋېتانىيە، پوئاتۇ، تورېن، گاسكون قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان. 1153 - يىلى قوشۇن تارتىپ ئەنگلىيىگە بېسىپ كىرىپ، ئەنگلىيە كورۇلى ستېفېننى ھېنرىي Ⅱ نىڭ ئەنگلىيە كورۇللۇق تەخت ۋارىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبور قىلغان. ئىككىنچى يىلى ستېفېن ئۆلۈپ، ھېنرىي تاج كىيىپ ئەنگلىيە كورۇلى بولغان. ئۇنىڭ زېمىنى ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتىن ھالقىپ، <ئانجۇ ئىمپېرىيىسى> دەپ نام ئالغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، ئاقسۆڭەكلەر ئۆز ئالدىغا قۇرۇۋالغان قورغانلارنى چېقىۋەتكەن؛ زور تۈركۈمدىكى ۋىلايەت ۋالىيىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئورنىغا ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىىنى قويغان، خانلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، رىتسارلار، شەھەر ئاھالىسى ۋە ئەركىن دېھقانلارنى فېئوداللارنىڭ سوت مەھكىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، خانلىق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. قالاق بولغان <ئىلاھ - تەقدىرى بويىچە ھۆكۈم قىلىش قانۇنى> نى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا <قەسەم قىلىپ گۇۋاھلىق بېرىش قانۇنى> نى دەسسەتكەن، سەييارە سوتچىلار ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىش داۋامىدا <ئورتاق قانۇن> نى راۋاجلاندۇرغان؛ ۋاقىتلىق قوراللىق رىتسارلانى يىغىۋېلىش ئورنىغا قالقان پۇلى ئېلىش، ياللانما قوشۇن ئېلىشنى دەسسەتكەن؛ چېركاۋنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقىنى چەكلەش ئۈچۈن <كلارىنتون ۋاقىتلىق ئاساسىي نىزامى> نى ئېلان قىلغان، بىراق ئەمەلگە ئاشمىغان. 1171 - يىلدىن باشلاپ ئېرلاندىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن.