Uyghur主要词典
گلىكوگېن
بىئولوگىيە
نۇرغۇنلىغان گلۇكوزىلارنىڭ كوندېنساتسىيىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان تارماق زەنجىرلىك پولى ساخارىد بولۇپ، ھەر بىر تۈر زەنجىرىدە a - 1، 4 - گلۇكوزىد بېغى بويىچە بىرىككەن 12 ~ 18 دانە گلۇكوزا مولېكۇلىسى بولىدۇ. تارماق زەنجىرى a - 1، 6 - گلۇكوزىد بېغى ئارقىلىق تۇتىشىشى مۇمكىن، تۈز زەنجىرلىك كراخمالغا قارىغاندا قىسقا بولىدۇ. ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى كراخمالغا ئوخشاپ كېتىدۇ. گلۇكوگېن يودنىڭ تەسىرىدە قىزغۇچ قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. ئوكسىدسىزلاش ۋە ئوزازون ھاسىل قىلىش رولى بولمايدۇ، سۇدا ئېرىيدۇ. ھايۋان تېنىدە گلۇكوزا گلۇكوگېن شەكلىدە، مۇھىمى جىگەر (جىگەر گلۇكوگېنى) ھۈجەيرىلىرىدە زاپاس ساقلىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن <ھايۋان كراخمالى> دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەر، زەمبۇرۇغ، باكتېرىيە ۋە تاتلىق قوناقلارنىڭ تەركىبىدىمۇ گلىكوگېن بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
خىمىيە
ئورگانىك بىرىكمە. ئۇنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسى (C6H10O5)x. ئۇ بىر خىل كۆپ قەنتلىك ۋە رەڭسىز پاراشوك بولۇپ، تەمى تاتلىق. ھايۋانلار تېنىدە ساقلىنىدۇ، جىگەردە ئەڭ كۆپ. ئادەتتە ھايۋانلار ئېنېرگىيىسىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدە گلۇكوزا كەم بولغاندا، گلىلوگېن قان سۇيۇقلۇقىغا كىرگۈزۈلسە، گلۇكوزىغا ئايلىنىدۇ. قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى ئارتقاندا، ئارتۇق گلۇكوزا يەنە گلىكوگېنغا ئايلىنىپ جىگەر ۋە مۇسكۇلدا ساقلىنىدۇ.