Uyghur主要词典
گلىنسكې جەمەتى
دۇنيا تارىخى
18 - 15 - ئەسىرلەردىكى روسىيەنىڭ فېئودال چوڭ ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى. ئىۋان Ⅳ نىڭ ئانىسى. كىنەز گىنە ئېلېنا ۋاسىلېۋنا گلىنسكايا تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى. ئاساسىي ئەزالىرى ئىۋان Ⅳ نىڭ مومىسى ئاننا گلىنسكايا، چوڭ ئاتىسى مېخائىل گلىنىسكى (ئات - ئۇلاق بېگى) ۋە يۇرى گلىنسكى (ئوزۇق - تۈلۈك بېگى) قاتارلىقلار، 1533 - يىلى ئىۋان Ⅳ تەختكە چىققاندا ئاران ئۈچ ياشتا بولۇپ، ئانىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1538 - يىلى ئانىسى ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ھوقۇق تالىشىپ، ئىچكى غوۋغا كەسكىن بولغان. ھاكىمىيەت شۇئىسكې بىلەن بېلىسكې جەمەتىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە ئۈزلۈكسىز پۇت تېپىشىش بولۇپ تۇرغان. 1543 - يىلى، گلىنسكې جەمەتى 13 ياشلىق ئىۋان Ⅳ يول كۆرسىتىپ، بۇيرۇق چۈشۈرۈپ شۇئىسكې جەمەتىنىڭ ئاساسىي ئەزالىرىنى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى جازالاتقان (بۇنىڭ ئالدىدا، شۇئىسكې جەمەتى بېلىسكې جەمەتىنى مەغلۇپ قىلغان). شۇنىڭ بىلەن گلىنسكې جەمەتىنىڭ ئوردىدىكى كۈچى كۈچەيگەن. لېكىن چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش توختىمىغان. ئۇزۇن يىللار داۋام قىلغان فېئودال ۋاڭ - گۇڭلار جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى روسىيە خەلقىنى تۈگىمەس بالايىئاپەتكە گىرىپتار قىلغان. 1547 - يىلى 6 - ئايدا، موسكۋادا چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، خەلق فېئودال ئەزگۈچىلەرگە بولغان غەزىپى بىلەن، ھەممىلا يەردە، ئاننا گلىنسكايا سېھرىگەرلىك بىلەن ئوت قويۇپ موسكۋانى كۆيدۈرۈپ تاشلىماقچى بولدى، دېگەن گەپنى تارقاتقان. كېيىن، گلىنسكې جەمەتىگە قارشى موسكۋا قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىر ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.